Runtime (0.00336 seconds)
#3

Interpretation of ( Al-Baqarah 187 ) in Uughur by Muhammad Saleh - ug

[ روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر (يەنى ئۇلار سىلەرگە ئارىلىشىپ ياشايدۇ ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىدۇ)، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر (يەنى سىلەرمۇ ئۇلارغا ئارىلىشىپ ياشايسىلەر ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىسىلەر). اﷲ ئۆزۈڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلارنى (يەنى روزا كېچىسى يېقىنچىلىق قىلغىنىڭلارنى) بىلدى. اﷲ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى ئۇلارغا (يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلىڭلار، اﷲ سىلەرگە تەقدىر قىلغان نەرسىنى (يەنى پەرزەنتنى) تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار، سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا (كۈندۈز بولسۇن كېچە بولسۇن)، ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، ئەنە شۇلار اﷲ بەلگىلىگەن چېگرىلاردۇر (يەنى مەنئى قىلغان ئىشلاردۇر)، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار. كىشىلەرنىڭ (ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن) ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن، اﷲ ئايەتلىرىنى ئۇلارغا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ ] - Interpretation of ( Al-Baqarah 187 )

[ أُحِلَّ لَكُمْ لَيْلَةَ الصِّيَامِ الرَّفَثُ إِلَى نِسَائِكُمْ هُنَّ لِبَاسٌ لَكُمْ وَأَنْتُمْ لِبَاسٌ لَهُنَّ عَلِمَ اللَّهُ أَنَّكُمْ كُنْتُمْ تَخْتَانُونَ أَنْفُسَكُمْ فَتَابَ عَلَيْكُمْ وَعَفَا عَنْكُمْ فَالْآنَ بَاشِرُوهُنَّ وَابْتَغُوا مَا كَتَبَ اللَّهُ لَكُمْ وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّى يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الْخَيْطُ الْأَبْيَضُ مِنَ الْخَيْطِ الْأَسْوَدِ مِنَ الْفَجْرِ ثُمَّ أَتِمُّوا الصِّيَامَ إِلَى اللَّيْلِ وَلَا تُبَاشِرُوهُنَّ وَأَنْتُمْ عَاكِفُونَ فِي الْمَسَاجِدِ تِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ فَلَا تَقْرَبُوهَا كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ آيَاتِهِ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ ] - البقرة 187